Uyghur←Chinese主要词典
نارام سىن تۆھپە ئابىدىسى
دۇنيا تارىخى
纳拉姆.辛记功碑
nà lā mǔ .xīn jì gōng bēi
ئاككا پادىشاھى نارام سىننىڭ قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ لوللۇبىلارنى يەڭگەنلىكى توغرىسىدىكى تارىخىي پاكىت بايان قىلىنغان ئابىدە. سۇسا دېگەن جايدىن قېزىۋېلىنغان. ئابىدىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېشىغا كالا مۈڭگۈزلۈك قالپاق كىيگەن پادىشاھنىڭ ھەيكىلى ئويۇلغان. ئۈستىدە ئۇرۇش ۋە غەلىبە خۇداسى يېسىتنىڭ يۇلتۇزى چاقناپ تۇرغان، ئوڭ تەرىپىگە مىخ يېزىق ئويۇلغان. ئاستى تەرىپىگە جەڭ ئەھۋالى ۋە دۈشمەننىڭ مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىش ئەھۋالى ئويۇلغان. ئابىدىنڭ ئويما سەنئەت مۇۋەپپەقىيىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاككاد دەۋرىدىكى مەشھۇر ئويما ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر يېڭى ئۇسلۇپتا دادىللىق بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، شەخسىيلەرنىڭ ئوبرازى جانلىق، سۈرلۈك، ئىخچام تەسۋىرلەنگەن ھەمدە ئۇنىڭدا تاغ چوقۇققىسى، دەل - دەرەخ قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەرنىڭ ئىپادىلىرىمۇ بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. ئۇ ئاككاد تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ھازىر پارىژدىكى رۇفىل مۇزېيىدا ساقلانماقتا. <نارام سىن> غا قاراڭ.