Chinese→Uyghur主要词典
纳秋尔 - 沙赫
دۇنيا تارىخى
نادىر شاھ
(1688 - 1747) ئىران پادىشاھى (1736 - 1747). خوراساندا تۇغۇلغان، ئەسكەرلىكتىن كېلىپ چىققان. 1726-يىلى سافى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى تاخماسىپ Ⅱ (؟ - 1739) نىڭ كەتمىنىنى چېپىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغاچقا، مۇھىم ئىشقا قويۇلغان. 1730 - 1936-يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئافغانىستان ۋە تۈركىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. 1736-يىلى 3-ئايدا پادىشاھلىققا كۆتۈرۈلگەن. كېيىن ئۇ ئاcانىستان، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، كەڭ ھەربىي ئىمپېرىيە قۇرغان. ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلاردا دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغانلىقتىن، خەلق ئزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسەتكەن، ھەرقايسى جايلاردىكى فېئودال خانلار ئارقا - ئارقىدىن توپىلاڭ كۆتۈرگەن، شۇنىڭ بلەن ئىمپېرىيە تېزلىكتە پارچىلانغان. 1747-يىلى 6-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن.