Chinese→Uyghur主要词典
南太平洋委员会
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي تىنچ ئوكيان كومىتېتى
ئاۋستىرالىيە بىلەن يېڭى زىنلاندىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان رايون خاراكتىرلىك ھەمكارلىق ئاپپاراتى. 1944 - يىلىدىكى ئاۋسترالىيە - يېڭى زىنلاندىيە كېلىشىمى بىلەن 1946 - يىلىدىكى فىجى، يېڭى زىنلاندىيە ھەمدە غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ئالىي ۋالىي مەھكىمىسى ئىمزالىغان كېلىشىم ئۇنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1947 - يىلنىڭ باشلىرى ئاۋسترالىيە، يېڭى زىنلاندىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت كانبىررادا يىغىن ئېچىپ قۇرۇشنى قارار قىلغان. 1948 - يىلى 5 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان. 1962 - يىلى گوللاندىيە چېكىنىپ چىققان. 1964 - 1975 - يىللىرى غەربىي سامۇيا، نائۇرۇ، فىجى ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىمۇ ئارقىدىن كىرگەن. ئاساسلىقى سەھىيە، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە مۇشۇ رايوندىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلغان. باش شتابى يېڭى كالېدونىيىنىڭ پايتەختى نومېئادا تەسىس قىلىنغان.