Chinese→Uyghur主要词典
南斯拉夫王国
دۇنيا تارىخى
يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى
1929 - 1945 - يىللىرىدىكى يۇگوسلاۋىيىنىڭ دۆلەت نامى. 1929 - يىل 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، يۇگوسلاۋىيە كورۇلى ئالېكساندر 1 (1888 - 1938) پارلامېنتى تارقىتىۋېتىپ، 1921 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئىستىبداتلىق دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشنى ھەمدە <سېربىيە - كرودىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى> دېگەن نامنى <يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى> غا ئۆزگەرتىشنى جاكارلىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پادىشاھلىق ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان، پادىشاھ پېتېر 2 (1923 - 1970) چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1945 - يىلى 5 - ئايدا يوگۇسلاۋىيە ئازاد بولغان. شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇن چىقىرىش يىغىنى پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.