Chinese→Uyghur主要词典
南进政策
دۇنيا تارىخى
جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى
ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۇۋزىچلىق - كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ۋە ئۇرۇش داۋامىدا ياپونىيە ھۆكۈران گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، يەنى ھەربىي تاجاۋۇزىچلىق لۇشيەنىدە <شىمالغا يۈرۈش قىلىش> ۋە <جۇنۇبقا يۈرۈش قىلىش> دىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تەشەببۇس بارلىققا كەلگەن، ئالدىنقىسىدا چاۋشىيەن، جۇڭگونى بېسىۋالغاندىن كېيىن، شەرىي جەنۇبى ئاسىياغا كڭەيمىچىلىك قىلىپ، غەربىي جەنۇب تىنچ ئوكيانغا زومىگەر بولۇش تەشەببۇس قىلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى بارا - بارا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 1940 - يىلى 7 - ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى <بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا يېڭى تەرتىپى> تۇرغۇزۇشنى قارار قىلغان؛ 8 - ئايدا <بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى> دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرغا قويغان، 9 - ئايدا قوشۇن ئەۋەتىپ فرانسىيىگە قارام ھىندىچىنىنىڭ شىمالىي قىسمىنى (ھازىرقى ۋېيتنام) بېسىۋالغان ھەمدە گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىقلار بىلەن ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىنى تۈزۈپ، جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشنى جىددىيلەشتۈرگەن. 1941 - يىلى 4 - ئايدا <ياپونىيە - سوۋېت ئىتتىپاقى بىتەرەپ شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن، جەنۇب ۋە شىمالغا تەڭلا يۈرۈش قىلىش ستراتىگىيىسى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش سىياسىتىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن. شۇ يىلى 6 - ئايدانېمىسلارسوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېىيىن، جەنۇبقا يۈرۈش قىلشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن <ئەنگىلىيە ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشتنىن يانماسلىق> نى قارار قىلىپ، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.