Chinese→Uyghur主要词典
南非联邦
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى
9101 - 1961 - يىللىرىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا ئاق تەنلىك ئىرقچىلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى. 1899 - 1902 - يىللىرىدىكى ئەنگىلىيە - بۇر ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەنگىليە ترانسىۋال ۋە ئورانگېدىن ئىبارەت بۇرلارنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيىتىنى يۇتۇۋالغان. 1910 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، كاپې مۇستەملىكىسى ۋە ناتال، ترانسىۋال ۋە ئورانگېدىن ئىبارەت ئۈچ ئاپتونوم ئوبلاستىنى قوشۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ ئەنگىلىيەنىڭ <دومىنىئونى> قىلغان. 1909 - يىلى ئەنگىلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان <جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لايىھىسى> ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قانۇنى قىلىنىپ، باش ۋالىي ھۆكۈمرانلىقى ئورنىتىلغان، لېكىن جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاق پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. باش ۋالىي قارىمىقىدا مەمۇرىي كېڭەش تەسىس قىلىنىپ ۋالىينىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ياردەملەشكەن. ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى ئىرقىي كەمسىتىش ۋە مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1961 - يىلى <جۇمھۇرىيەت> قۇرۇلغان.