Chinese→Uyghur主要词典
南方古猿
بىئولوگىيە
جەنۇب ئادەمسىمان مايمونى
ئادەمسىمان مايمۇندىن ئادەمگىچە بولغان ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ئادەمگە ئوخشاپ كېتىدىغان تاشقا ئايلانغان قالدۇقلار بولۇپ، يېڭى ئۈچىنچى دەۋردىن ئوتتۇرا تۆتىنچى دەۋرنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ياشىغان. 1924 - يىلى ئالدى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئادەمنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى بولغان بىر ياش سۆڭىكىنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى تېپىلغان. تاشقا ئايلانغان قالدۇقلارنىڭ كۆپلەپ تېپىلىشى ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇب ئادەمسىمان مايمۇنىنىڭ يەر ئۈستىدە ماكانلىشىپ ياشىغانلىقى، ئۆرە يۈرەلەيدىغانلىقى ھەمدە قوراللاردىن پايدىلانغانلىقى قىياس قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئىلغار تىپلىرى قورال ياساشقا باشلىغان، مېڭىسى كېڭىيىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئادەملەرگە مەنسۇپ بولغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى مايمۇنسىمان ئادەمگە ئايلانغان.