Uyghur主要词典
ناندىنا چاتقىلى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوتانىكا
زىرىق ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق، كىچىك يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكلىدە، گۈلى كىچىك، ئاق رەڭلىك، كونۇسسىمان گۈل رېتىدە بولىدۇ. مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى ئاق سۇس قىزىل ياكى سۆسۈن. مېۋىسى، غولى ۋە يىلتىزلىرى دورا قىلىنىدۇ. يىلتىز، غوللىرىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ھەيز ماڭدۇرۇش؛ مېۋىسىنىڭ يۆتەل توختىتىش، ھاسىراشنى پەسەيتىش رولى بار.