Uyghur主要词典
نامە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خەت، مەكتۇپ:
قىلغان ئىش ۋە ئەمەللىرى يېزىلغان خەت:
1. ئىلتىپات ئەيلەپ يىبەرسۇن نامەئى ئول دىلرەبا،
دىمە نامە دىگىل ئانى تاج ئىلە ئەفسەر ماڭا.
قەلەندەر.
2. تەلبە زەلىلى گۇنەھى بېھىساب،
نامەسىدە زەررىچە يوقدۇر سەۋاب.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەت، مۇراجىئەت؛ كىتاب، ئەسەر؛ ھۆججەت؛ ئالاقە؛ توختام؛ گېزىت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھال _ ئەھۋال ئېيتىپ ياكى ئەھۋال سوراپ، خەۋەر بېرىپ ياكى پىكىر ئېلىپ مەسىلىھەتلىشىش مەقسىتىدە يېزىلغان قەغەز؛ ھۈججەت.
خەت _ ئەقىلنىڭ سۈرىتى. خەت پۈتۈپ، نامە ئەۋەتتىم يارىم ساڭا، ئوقۇتۇپ ئىلىكىڭگە ئال، مەلۇم بۇلار ھالىم ساڭا.فرانسىيلىك مەشھۇر يازغۇچى ۋولتېر ئۆمرىدە 21 مىڭ پارچە خەت _ مەكتۇپ يازغان. ئۇ خەت يېزىش بويىچە دۇنيا چىمپىيونى. ئامېرىكىلىق كالتەك توپ ماھىرى ھانىك ھاللون بىر يىل ئىچىدە تاماشىبىنلاردىن 900 مىڭ پارچە خەت _ مەكتۇپ تاپشۇرۋالغان. ئۇ خەت تاپشۇرۇۋېلىش بويىچە دۇنيا چىمپىيونى. « مەكتۇپ » ئارخائىزىم بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر ئورۇن ياكى شەخسكە ئەۋەتىش ئۈچۈن يېزىلغان خەت، مەكتۇپ.
نامە ئەۋەتمەك.
تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇلۇپ شۇ سۆز ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ھەققىدىكى خەت دېگەن مەنىدىكى سۆزلەرنى ياسايدۇ. مەسىلەن، باياننامە، خىتابنامە، ئىقرارنامە... دېگەنلەرگە ئوخشاش.