Uyghur主要词典
نامچىلىق
دۇنيا تارىخى
مەدرىس پەلسەپىسىدىكى چىنلىق نەزەرىيىسى (<رېئالچىلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن قارىمۇ قارشى بولغان ئېقىم. بۇ ئىككى ئېقىم ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ئومۇمىي ئۇقۇم (<ئۇنىۋېرساللىق>) <نام> مۇ ياكى <رېئاللىق> مۇ دېگەندىن ئىبارەت. نامچىلىق تەرەپدارلىرى، ئومۇمىي ئۇقۇم - ئىنسان تەپەككۇرىدىكى ئابستراكتلىق بولۇپ، ئايرىم شەيئىلەرنىڭ نامى ياكى ئاتالغۇسىنىلا يىغىنچاقلاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزى ئوبيېكت ئەمەس، دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇر ئېقىم ماتېرىيالىزم ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى رۇسېلىن، ئابېلارد، دۇنىس سىكوت قاتارلىقلار. چىنلىق نەزەرىيىسى تەرەپدارلىرى بولسا ئومۇمىي ئۇقۇم ھەقىقىي مەۋجۇدىيەت، يەنە كېلىپ ئۇ ئايرىم شەيئىدىن ئالدىن تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇ ئېقىم ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزمغا كىرىدۇ، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى ئانسېلمۇس، توماس ئاكئۇناس قاتارلىقلار چېركاۋ چىنلىق نەزەرىيىسىنى ئەنئەنە قىلىۋالغان، نامچىلىق بولسا سۆكۈلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پەلسەپە
ئوتتۇرا ئەسىر مەدرىسە پەلسەپىسىدىكى بىر ئېقىم. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى چىنلىق نەزەرىيىسىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، شەيئىلەر ئومۇمىي ئۇقۇمدىن بۇرۇن مەۋجۇت دەپ قارايدۇ.