Uyghur主要词典
نالايىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
نالايىق، مۇناسىپ ئەمەس، لايىق كەلمەيدىغان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ماس، دەل كەلمەيدىغان.
باب، مۇۋاپىق، لايىق، مۇناسىپ
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن، ماس، دەل كەلگەن.
باپ كەلگەن ئىشتا پايدا بار. ئۆتكەنكى تەجرىبىنىڭ ھازىرغا مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. مۇناپىق دوستلۇققا ئەمەستۇر لايىق. ئۆزۈڭگە مۇناسىپ گەپنى قىل، ناباپ دوستتىن ۋاز كەچ. نالايىق ئىش بىر كۈن بولمىسا بىر كۈن بىلىنىدۇ. نامۇۋاپىق ئىش يامان نەتىجە بېرىدۇ. ئۆزۈڭگە نامۇناسىپ ئىشنى قىلما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇيغۇن بولمىغان، ماس كەلمەيدىغان، لايىق ئەمەس.
ناباپ دوستتىن ۋاز كەچ. نامۇۋاپىق ئىش ئۇزاققا بارماس. نالايىق ئىش ئاخىر بىلىنىدۇ. ئۆزۈڭگە نامۇناسىپ ئىشنى قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
لايىق - مۇناسىپ ئەمەس، لايىق كەلمەيدىغان، مۇۋاپىق بولمىغان.
ھازىر ئۆزلىرى بويتاقلىقنىڭ دەردىنى ئوبدان تارتىۋاتىدىلا، بۇنداق يۈرۈۋېرىش ئەھلى مۇسۇلمانغا نالايىق ئىش.