领域: دۇنيا تارىخىنادىم
(؟ - 995) ئەرەب ئالىمى. باغدادلىق كىتابپۇرۇش. ئەتراپلىق بىلىملەر كىرگۈزۈلگەن <كاتالوگىيە> دېگەن ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسىرىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب ئەسەرلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىغان ھەمدە ھەر قايسى پەنلەرنىڭ تارىخىنى قىسقىچە بايان قىلغان. كىتاب ئاپتورلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نامى، مۇھىم مەزمۇنلىرىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، ئەرەب ئىلىم - پەن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.