Uyghur主要词典
ناگاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۇيۇقسىز، تاسادىپىي:
ۋاقىت ئۆتمەي، شول ۋاقتىنىڭ ئۆزىدە:
1. چۇ ئول پىردىن چىقتى ناگاھ سەدا،
ئانىڭدەك سۇرۇشىدىن ئولدى نىدا.
ئا. نىزارى.
2. ئۆزىن كۆردى كېلىپ ئەر ھالەتىگە،
تەئەججۈپ ئەيلەدى ناگاھ پەرى رۇخ.
شەۋقى.
ئوتقە تۈشسە نەھۋ ئولماي نېتكۈسى ناگاھ قىل،
قايدا قالسۇن سوزىشى ئىشىق ئىچرە بۇ جاندىن رەمەق.
ئەرشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
يېزت. كۈتۈلمىگەندە، توساتتىن، ئۇشتۇمتۇتتىن، ئويلىمىغان يەردىن؛ بەزىدە.
ناگاھ ئۇ ئويغىنىپ كەتسە بۇ ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى ئېنىق ئىدى.