Uyghur主要词典
نادىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تېىپلمايدىغان، كەم ئۇچرايدىغان، نادىر:
بۇ قاشۇ يۈزۇ كۆزۈڭ سەنئەتى سۇنئى ئىلاھىدۇر،
سېنىڭدەك كۆرمىگەن ھېكىم جەھاندا دىلبەرى نادىر.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىسلىسىز، تەڭدىشى يوق، كۆرۈلمىگەن، تاڭسۇق، ئاز ئۇچرايدىغان، يالغۇز، تەنھا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاز تېپىلىدىغان، كەم ئۇچرايدىغان.
چىڭدۇ شەھىرىدە قۇرئاننىڭ نادىر نۇسخىسى تېپىلغان، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئالتە گرام بولۇپ، ئالجىرىيىدىن تېپىلغان ئەڭ كىچىك قۇرئاندىن تۆت گرام يېنىك ئىكەن. سىيرەك ئىش قىزىقىش تۇغدۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سۈپ.
كەم تېپىلىدىغان، كەم ئۇچرايدىغان، ناھايىتى ئېسىل، ئەلا؛ بىباھا، قىممەتلىك.
شائىر نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
نادى، نادىجان
ئەتىۋارلىق، تەڭداشسىز، تېپىلغۇسىز، كەم ئۇچرايدىغان؛ يېڭى، گۈزەل
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
كەم ئۇچرايدىغان، تەڭداشسىز ياكى بىباھا، قىممەتلىك.