Uyghur←Chinese主要词典
نابىس
دۇنيا تارىخى
纳比斯
nà bǐ sī
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 921) قەدىمكى سپارتا تىرانى (مىلادىدىن ئىلگىرى 207 - 193). ياللانما ئەسكەرلەر، ۋەيران بولغانلار، پېرېكلار ۋە دۆلەت قۇللىرى (ئېلوتلار) نىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ھاكىمىيەتنى قوراللىق كۈچ بىلەن تارتىۋالغنا. ئۇ سپارتادىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىچە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان: كەمبەغەللەرنىڭ قەرزىنى بىكار قىلغان. ئەڭ باي بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ يەر، مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن؛ بەزى قۇللارنى ئازاد قىلپ، ئۇلارغا قوغلىۋېتىلگەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئايالىرىنى نىكاھلاپ قويغان ھەمدە بىر قىسىم ئېلوتلار ۋە سپارتا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان چەت ئەللىكلەرنى پۇقرا قىلغان (يېڭى پۇقرالارنى بىر قەبىلە قىلىپ تۈزگەن). ئۇنىڭ تەدبىرلىرى قۇللار ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكى ئاددىي خەلقلەرنىڭ ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن سپارتا ئاقسۆڭەكلىرى، ئاخايد ئىتتپاقى ھۆكۈمرانلىرى ۋە شەرققە ئىلگخرىلەۋاتقان رىملىقلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. مىلادىدىن 195 يىل ئىلگىرى رىم سەردارى فلامنىي تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. كېيىن يەنە ئاقايد ئىتتىپاقىدىكى فىلوپوئېمېننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 192-يىل ئىلگىرى ھەربىي كۆرەكتە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.