—参考资料
مۇز بىلەن سۇ
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر پارچە مۇز ناھايىتى كۆرەڭلىگەن ھالدا سۇغا قاراپ:
- سېنىڭ قىلچە جاسارىتىڭ يوق ئىكەن، كىچىككىنە شامال چىقسا داۋالغۇپ، بىر ئىزىڭدا تۇرالمايدىكەنسەن. مەنچۇ، قانداق يەردە تۇرسام، خۇددى تاشتەك قاتتىق ھالەتتە تۇرىمەن، - دېدى.
بىردەمدىن كېيىن كۈن چىقتى. كۆرەڭلىگەن مۇز ئاستا - ئاستا ئېرىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا سۇ ئېرىپ كېتىۋاتقان مۇزغا قاراپ:
- تاشقى كۆرۈنۈش ئۆزگەرسە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنچلۇقى، ئىچكى ماھىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى - دېدى.