Uyghur主要词典
مىخىراگۇلا
دۇنيا تارىخى
(؟ - 542) ئېفتالىتلارنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانى. تورا مانانىڭ ئوغلى. مىلادى 502-يىلى تەختكە چىققان. پەنجاپتىكى ساكالا (ھازىرقى سيالكوت) نى پايتەخت قىلىپ، قاباھەتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان. تگخمىنەن 533-يىلى ماگادالىق ياسو دارماننىڭ رەھبەرلىكىدە لەشكەر تارتىپ چىقىپ، كوخرۇر (ھازىرقى پاكىستاننىڭ مۇرتان رايونى) دا ئېفتالىت قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، شۇنىڭ بىلەن ئېفتالىتلارنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. مىخىراگۇلا كەشمىرگە قېچىپ بارغان، كېيىن ئۇنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى كەشمىرەە پادىشاھ بولغان.