Uyghur←Chinese主要词典
مىخ يېزىق
تارىخ
楔形文字
xiē xíng wén zì
دۇنيا تارىخى
楱文字
còu wén zì
قەدىمكى غەربىي ئاسىيادا ئىشلىتىلگەن بىر خىل يېزىق، يېزىقنىڭ سىزىقلىرى مىخ شەكلىدە بولغانلىقتىن، شۇندا دەپ ئاتالغان. يەر ئاستىدىن تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى يېزىقلارنىڭ بىرى. ئۇچلانغان قومۇش، سۆڭەك ياكى ياغاچ بىلەن سېغىز تاختىنىڭ ئۈستىگە يېزىلىپ، ئۇنى ئاپتاپقا ياكى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، لاي بەتكە ئايلانغان. مىلادىدن 2700 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا فارا كىتابلىرىدا سىزىقلىرى رەتلىك يېزىق بولۇپ، ئۇنى سۇمېرلىقلار ئىجاد قىلغان. كېيىن ئاككادلار، بابىلونلىقلار، ئاسسۇرىيىلىكلەر، ھىتتلار، پېرسىيىلىكلەر ۋە باشقا خەلقلەر ئىشلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن يېقىنشەرق رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيىدە ئورتاق ئىشلىتىدىغان يېزىقىغا ئايلىنىپ، فىنىكلەرنىڭ ھەرپلىك يېزىقىنىڭ شەكىلىنىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ يېزىقنىڭ تولىسى تەسۋىرىي يېزىق بولۇپ، كۆرسىتىش، مەنىسىنى بىلىش، ئوخشىتىش، ئىزاھلاش ۋە پايدىلىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، كېيىن تاۋۇزلۇق يېزىق (جەمئىي 500 دىن ئارتۇق) قىلىپ ئىشلىتىلگەن. دەسلەپتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تىك قۇر قىلىپ يېزىلغان، كېيىن 90 گرادۇس ئايلاندۇرۇپ، توغرىسىغا يېزىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ سولدىن ئوڭغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن مىخ بېشى سولدا، مىخ قۇيرۇقى ئوڭدا بولغان. يېڭى باىلونىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا داۋاملىق ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئارامېئان تىلىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تەدىرىجىي ھالدا ئىشلىتىلمەيدىغان بولغان. يېقىنغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بىر پارچە سېغىز بەت مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅵ ئەسىرنىڭ بولۇپ، ⅨⅩ ئەسىرگە كەلگەندىلا ئەنگلاىيىلىك راۋلىنسون ئوقۇپ مەنىسىنى يېشەلىگەن.