—参考资料
موللا بىلال ئىبنى يۈسۈپ خوتەنى
领域: ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى1980-يىلى خوتەندىن «دىۋان بىلالى» ناملىق قول يازما توپلامنىڭ تېپىلىشى بىلەن شائىرى موللا بىلال ئىبنى يۈسۈپ خوتەنىنىڭ نامى ئەدەبىياتىمىزغا مەلۇم بولدى.
قول يازام تولام شائىرنىڭ ۋاپاتىدىن تەخمىنەن بىر ئەسىر كېيىن خوتەنلىك خەتتات موللا نىياز تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى بەزى پاكىتلىق ماتېرىياللار ھەمدە ئۇنىڭ ئىشلەتكەن تىل ئەدەبىي ئۇسلۇبىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ، ئۇنى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 18-ئەسرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ ئجاد ئەتكەن شائىررنىڭ بىرى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
«دىۋان بىلالى» قىرىق بىر بۆلۈم 1138-مىسرا شېئىردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنىنىڭ كەڭ، ئوي - پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، تېمىسىنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تىلنىڭ يېنىڭ، راۋانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. شائىر ئۆز ئوي-پىكرى، قاراشلىرىنى ئىسپاتلاشتا يالغۇز مۇلاھىزىلەرگە يۆلىنىلا قالماستىن، نۇرغۇن ئىبرەتلىك مەسەل، ھېكايە، داستانلارنى قىستۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز پىكىرلىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچۈىنى ئاشۇرغان. شائىر بەددىئىي ئەدەبىياتتىكى جانلاندۇرۇش (ئادەملەشتۈرۈش) ۋاستىسىدن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ ئېلىنغان ئۇچار قۇشلارنى ئادەمگە خاس خۇسۇسىيەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ، سىمۋولىزملىق ئەخلاقىي، پەسلەپىۋى قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。