Uyghur主要词典
مۇزەبانە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتە قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، شەرىئەتكە خىلاپ ھايانكەشلىك سودىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۆز ئەسلىي مالىكنىڭ <ئەل مۇۋەتتە> ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇرۇنقى زامانلاردىكى مەدىنە مۇسۇلمانلىرىنىڭ سودا - سېتىق ئادىتى بولۇپ، پىشمىغان مېۋىنىڭ سودا مىقدارى پىشقان ياكى قۇرۇتۇلغان مېۋىنىڭ مىقدارىغا تەڭ بولغان. بۇنداق قىلىش ئەھلى ھەدىسلەر تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ، سودا - سېتىقتا ھايانكەشلىك قىلىپ پايدا ئېلىش ئامىللىرى مەۋجۇت، تەھرىم رىباغا زىت، ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك، دەپ قارالدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى شەرىئەت ئەسەرلىرىدە ھارام سودا - سېتىق مەنىسىدە كەڭ ئىشلىتىلدى.