Uyghur主要词典
مۇئاۋىيە بىننى ئەبۇ سۇفيان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئۇمەييە سۇلالىسىنى قۇرغان ئادەم. قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئۇمەييە جەمەتىدىكى ئاقسۆڭەك. ئەبۇ سۇفياننىڭ ئوغلى. 633 - يىلى دەمەشىقنىڭ ۋالىسى بولدى. 657 - يىلى ھەزرىتى ئەلى ئىلى بىلەن قارشىلىشىپ سىففىن ئۇرۇشى قىلدى. 661 - يىلى ھەزرىتى ئەلى ۋاپات بولغاندا، ھەزرىتى ئەلىنىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەننى خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىدى. سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇپ، خەلىپە بولۇپ، سۇلالە قۇردى. دەمەشىقنى پايتەخت قىلدى. خرىستىئان دىنىغا كەڭ قورساق بولۇش سىياسىتىنى قوللاندى. پرسىيە ۋە ۋىزانتىيىنىڭ تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇردى. ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان مۇستەبىت پادىشاھلىق قۇردى. دەمەشىقتە ئالەمدىن ئۆتتى.