Uyghur主要词典
مۇۋاپىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەل جايىدا، ئېشىپمۇ كەتمىگەن، كېمىپمۇ قالمىغان. تازا جىپسا، ياپسا.
باپ كەلگەن ئىشتا پايدا بار. ئۆتكەندىكى تەجرىبىنىڭ ھازىرغا ئۇيغۇن كېلىشى ناتايىن. ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقىتنى تېجەش بىلەن باراۋەر. مۇۋاپىق پەيىتتە مۇۋاپىق ئىش قىلىش _ ئۇلۇغ سەنئەت. مۇناپىق دوستلۇققا ئەمەستۇر لايىق؛ مۇناپىقنى مۇناپىق بىل، مۇناپىق. لايىقىدا بولغان ئىشتا بەرىكەت بار. سۆزۈڭگە ئىشىڭ ماس كەلسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرسىتىلگەن كۆرسەتمىنى ئاساس قىلىپ ....
بۇيرۇققا بىنائەن يېتىپ كەلدىم. قانۇنغا ئاساسەن، نەشەكەشلەرگە تېگىشلىك جازا بېرىش كېرەك. يوليورۇققا مۇۋاپىق، ھەممە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش كېرەك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن، ماس، دەل كەلگەن.
ناباپ، نامۇۋاپىق، نالايىق، نامۇناسىپ
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ماس، دەل كەلمەيدىغان.
باپ كەلگەن ئىشتا پايدا بار. ئۆتكەنكى تەجرىبىنىڭ ھازىرغا مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. مۇناپىق دوستلۇققا ئەمەستۇر لايىق. ئۆزۈڭگە مۇناسىپ گەپنى قىل، ناباپ دوستتىن ۋاز كەچ. نالايىق ئىش بىر كۈن بولمىسا بىر كۈن بىلىنىدۇ. نامۇۋاپىق ئىش يامان نەتىجە بېرىدۇ. ئۆزۈڭگە نامۇناسىپ ئىشنى قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ماس، توغرا كېلىدىغان، مۇناسىپ، لايىق.
مۇۋاپىق كەلمەك. مۇۋاپىق كۆرمەك.