Uyghur←Chinese主要词典
مۇتلەق ئىنكاسسىز دەۋر
بىئولوگىيە
绝对不应期
juéduìbúyīngqī
نېرۋا، مۇسكۇل قاتارلىق توقۇلمىلار تەسىرگە ئۇچراپ غىدىقلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قوزغىلىشچانلىقىدا بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ <قوزغىلىشچانلىق> قا قاراڭ(. ئۇنىڭ قوزغالغاندىن )غىدىقلانغاندىن( كېيىن قىسقا بىر ۋاقىتلىق دەۋرى بولۇپ، ھەر قانداق غىدىقلاشلارغا ئەكس تەسىر پەيدا قىلمايدۇ، بۇ دەۋرى مۇتلەق ئىنكاسسىز دەۋرى دېيىلىدۇ. مۇتلەق ئىنكاسسىز دەۋرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى توقۇلمىنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە قوزغىلالايدىغان نۆۋەت سانىنى بەلگىلەيدۇ. مۇتلەق ئىنكاسسىز دەۋرى قىسقا بولسا، ئەكس تەسىر نۆۋەت سانى كۆپ، ئۇزۇن بولسا ئەكس تەسىر نۆۋەت سانى ئاز بولىدۇ. مەسىلەن، مۇتلەق ئىنكاسسىز دەۋرى تەخمىنەن بىر مىللىسېكۇنت بولغان ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ نېرۋىسى ھەر سېكۇنتتا كۆپ بولغاندىمۇ پەقەت 1000 نۆۋەتلىك نېرۋا ئىمپۇلسىنى يەتكۈزەلەيدۇ. )ئەمەلىي يەتكۈزگەن ئىمپۇلس چاستوتىسى بۇ ساندىن تۆۋەن(. يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋاقىت جەھەتتە ئىسكىلىت مۇسكۇللىرى ۋە نېرۋىغا قارىغاندا ئۇزۇنراق. ئىسكىلىت مۇسكۇللىرىنىڭ مۇتلەق ئىنكاسسسىز دەۋرى قىسقا )01.0 سېكۇنت( بولۇپ، بەلگىلىك يۇقىرى چاستوتىنىڭ تەكرا غىدىقلىشى ئاستىدا ھەر قايسى قىسقىراش دولقۇنلىرى بىرلىشىپ تولۇق قېتىش خاراكتېرلىك قىسقىراشنى ھاسىل قىلالايدۇ. يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ مۇتلەق ئىنكاسسىز دەۋرى ئۇزۇن بولۇپ، كېڭىيىش دەۋرى باشلانغانغا قەدەر داۋاملىشالايدۇ، شۇڭا يۈرەك مۇسكۇلى قىسقىراش دەۋرى ئىچىدە ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىنكاس )رېئاكسىيە( يۈز بەرمەيدۇ. يۇقىرى چاستوتىلىق غىدىقلاش ئارقىلىق تولۇق قېتىش خاراكتېرلىك قىسقىراشنى ھاسىل قىلىشقا بولمايدۇ. يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يۈرەكنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا بىر قىسقىراپ بىر كېڭىيىپ تۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، كېڭەيگەندە ۋېنادىكى قان سۇيۇقلۇقى يۈرەكە قايتىدۇ؛ قىسقارغاندا يۈرەكتىكى قان سۇيۇقلۇقى ئارتېرىيە تومۇرىغا ئېتىلىپ كىرىدۇ، شۇ ئارقىلىق قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىدىكى ئاقما ھەرىكىتى توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ئەگەر يۈرەك مۇسكۇلى قىسقىراش ھالىتىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ تۇرسا ئۇ چاغدا يۈرەك ناسوسلۇق رولى ئارقىلىق قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش فۇنكسىيىسىنى ئاتقۇزالماي قالىدۇ.
تېببىي
绝对不应期
jué duì bú yīng qī