Uyghur主要词典
مۇتلەق يىللار ۋە نىسپىي يىللار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى،ھازىرقى تارىخ يىللىرىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى، تارىخشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيىدە گۇمانىتارلىق يىلى تەرتىپىنى بەلگىلەش ۋە خاتىرىلەشنىڭ ئاساسىي بەلگىسى. تارىختا ياكى ئارخېئولوگىيىدە مەلۇم بىر تارىخىي پاكىتنى ياكى مەلۇ بىر خارابە، يادىكارلىق، قالدۇق نەرسىنىڭ بېكىتكىلى بولىدىغان كونكرېت يىللىرى مۇتەلق يىللار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تارىخىي يازما خاتىرىلەر، ئويما خەتلەر، قالدۇق نەرسىلەر ۋە ئىلمىي دەۋر بولۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. مەسىلەن، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى مىلادى 476-يىلى ھالاك بولغا، بخىستۇن ئويما خگتلىرى مىلادىدىن 522 - 648 ئىلگىرىكى يىللىرى ئويۇلغان ۋە باشقىلار، كونكرېت يىلنى بېكىتكىلى بولمايدىغان، پەقەت سېلىشتۇرۇش ۋە ھۆكۈم قىلىش يولى بىلەن ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپىنى بەلەىلىگىلى بولىدىغانلىرى نىسپىي يىللار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار مەدەنىيەت قاتلىمى، قالدۇق نەرىلسەرنىڭ شەكلى قاتارلىقلار ئارقىلىق قىولغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەت ۋە تارىخىي خاتىرىلەر بولمىغان قەدىمكى جەمئىيەتنىڭ مەلۇم دەۋرلىرى كۆپ ھاللاردا نىسپىي يىللار بويىچە ھېسابلىنىدۇ. تارىخشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يىللارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تېخنىكىلىق ئۇسۇلىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، يىللارنىڭ تەكشۈرۈلۈشىمۇ بارغانسېرى توغرا بولماقتا. ھەرقايسى دۆلەتلەنرىڭ يىلنامىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، تارىخشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيە جەھەتتىكى يىللارنى ھېسابلاش ئۇسۇلىمۇ ئىلگىرى ئوخشاش بولمىغان. لېكىن يېقىنقى ئەسىردىن بۇيان، ئومۇمەن مىلادى يىلنامىسى ئاساس قىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادەتلەنگەن يىلنامىسى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى.