Uyghur主要词典
مۇتلەق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كامىل، ئەڭ يېتىلگەن:
ھېچ، ئەسلا، زادى؛ پۈتۈنلەي:
كىم ئالىم ئېسە نۇقتەدە بەرھەق دە ئانى،1.
گەر بەزم تۈزەر بىھشتى مۇتلەق دە ئانى.
نەۋايى.
2. دېدىلەر بىزگە ئول ھەبىبى ھەق:
ئۇلەما كەلدى ئۈچ گۇرۇھ مۇتلەق.
ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەۋىش: پېئىلنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇنى كۈچەيتىدۇ.
ئۆز ئەسەرلىرىدە ياشىغان ئادەم ھەرگىز ئۆلمەيدۇ. ئالىيجاناب پىكىرگە ھەمراھ كىشى ھەرگىز يېتىم قالمايدۇ. نىجاسەتكە پاتقان ئەسلا تازا بولماس. گەر كاسىپ مۇساپىر بولسا يات يۇرتتا، قىيىنچىلىق دېگەننى بىلمەيدۇ ئەسلا. ئەتىرگۈلنىڭ نامىنى يۆتكىسىمۇ، خۇش پۇرىقى زادى كەتمەس. بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەم كىتاب ئوقۇمايدىكەن، باشقىلارنى پەقەت چۈشىنەلمەيدۇ. ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىشقا مۇتلەق يول يوق. ئوقۇماي، بىلمەي ياشىماق ھېچ ئەھمىيىتى يوق ياشاش. خەلققە پايدىلىق پىلاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك. يامانلىقنى ئىللا - بىللا بىلمەيمەن، يامانلىقنى ئىللا - بىللا قىلمايمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. مەڭگۈ بىر خىل تۇرىدىغان، ئۆزگەرمەيدىغان، ئۆزگەرمەس، مۇقىم؛ مەڭگۈلۈك.
مۇتلەق ئەركىنلىك مەۋجۇت ئەمەس.
سۈپ. پەقەت مەلۇم بىر خىل شارائىتقىلا ئاساسلانغان، باشقىلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان.
مۇتلەق قىممەت. مۇتلەق تېمپېراتۇرا. مۇتلەق ھەقىقەت.
رەۋ. پۈتۈنلەي، تولۇق، تامامەن.
خەلقنىڭ قانۇنلارغا مۇتلەق بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلدى.
رەۋ. ھەرگىز؛ پەقەت.
شۇ تاپتا، ئۇ ئاپتوموبىلدىن بىر خالتا ئوغۇتنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلىسا، مۇتلەق ئىشەنمىگەن بولاتتى.
رەۋ. ئىنتايىن، ناھايىتى.
شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دىنىي زاتلار پارتىيىنى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە قىزغىن سۆيىدۇ.