Uyghur主要词典
مۇتاتسىيىلەنگەن تىپ
بىئولوگىيە
ياۋايى تىپ بىلەن قارىمۇ - قارشى بولىدۇ. گېنى مۇتاتسىيىلەنگەن، خروموسومىلىرى ئابېرراتسىيىلەنگەن ئىندىۋىد بولۇپ، مۇتاتسىيىلەنگەن تەندە دائىم ئەجدادىدا بولمىغان مەلۇم خىل ئىرسىيەت خوسۇسىيەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئوزۇقلۇقى كەمچىل تىپلىق بولۇپ، ئۇنىڭ مۇتاتسىيىلىنىشى پەقەت ئوزۇقلىنىش مېتابولىزمىغا تەسىر قىلىدۇ، مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىككە كۆرۈنەرلىك تەسىر قىلمايدۇ، بۇ بىئوخىمىيىلىك توساتتىن ئۆزگىرىش تىپى دەپ ئاتىلىدۇ. چالا قانات مېۋە چىۋىنى، قۇيرۇقسىز توخۇ قاتارلىقلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىر قىلىشى مورفولوگىيىلىك توساتتىن ئۆزگىرىش تىپى دەپ ئاتىلىدۇ.