Uyghur←Chinese主要词典
مۇستەقىللىك پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
独立协会
dú lì xié huì
مەرىپەت پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى سىياسىي تەشكىلات. 1882-يىلى قۇرۇلغان رەھبىرى خوڭ يىڭجى، جىن يۇجۇن ۋە پويۇڭشاۋ قاتارلىقلار. يارپونىيىگە تەقلىت قىلىپ، ئوردا سىياسىتىنى <ئىسلاھ قىلىش> نى تەشەببۇس قىلغان. مۇتەئەسسىپ ھاكىمىيەتپەرەسلەر بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلغان. 1884-يىلى مەزكۇر پارتىيە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش (جياشىن سىياسىي ئۆزگىرىشى) قوزغىغان ھەمدە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، ئۇزۇن ئۆتمەي مۇتەئەسسىپ كۈچلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن.