Uyghur主要词典
مۇستەقىل لىبورىستلار پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخىئەنگلىيىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. 1893-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان. رەھبىرى خاردى. ئەينى ۋاقىتتا ئىشچىلار ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ پروگراممىسىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمىنىڭ بولۇش سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە بالا ئىشچىلارنى ئىشقا ئېلىشنى مەنئىي قىلىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تەشەببۇس قىلىنغان. لامكىن فابىئان جەمئىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، پارلامېنت ئارقىلىق ئاستا - ئاستا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يولى بىلەن مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنغان، كېيىن كوللېكتىپ ھالدا لببورىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى سوتسىيال شوۋېنىزملىق مەيداندا چىڭ تۇرغان. 1932-يىلى لېبورىستلار پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1947-يىلى كۆپلىگەن ئەزالىرى يەنە لېبورىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。