Uyghur←Chinese主要词典
مۇسسولىن
دۇنيا تارىخى
墨索里尼
mò suǒ lǐ ní
(1883 - 1945) ئىتالىيىلىك فاشىست ئىستىبىدات. فاشىستىك پارتىيىنىڭ كاتتىبېشى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ بىرى. پرىدا پىئودا تۇغۇلغان. دارىلفونوننى پۈتتۈرگەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كېيىن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1912-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى بولغان. 1914-يىلى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى تەرغىپ قىلغانلىقتىن پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. 1919-يىلى فاشىستىك تەشكىلات - <جەڭگىۋار پولك>نى قۇرغان. 1921-يىلى فاشىستىك پارتىيىنى رەسمىي قۇرغان. 1922-يىلى 10-ئايدا مۇرتلىرىنى باشلاپ مىلاندىن رىمغا يۈرۈش قىلىپ، كورۇلنى ئۆزىنى باش ۋەزىرلىك تەيىنلەشكە مەجبۇر قىلغان؛ يەنە قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى، مۇستەملىكىلەر ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئىچكى جەھەتتە پارلامېنت تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىشچىلارنى ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتنى باستۇرۇپ فاشىستىك ئىستىبداتلىق تۈزۈمىنى ئورناتقان؛ سىرتقا قارىتا 1935-يىلى ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، 1936-يىلى ئىسپانىيىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزگەن، 1939-يىلى ئالبانىيىنى بېسىۋالغان، 1940-يىلى 6-ئايدا فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا رەسمىي قاتناشقان. ھەربىي جەھەتتىن كەينى - كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە مەلىكەت ئىچىدە فاشىستلارغا قارشى ھەرىكەت ئەۋج ئالغانلىقتىن، كورۇل 1943-يىلى 7-ئايدا ئۇنى قولغا ئېلىپ قامىغان. 9-ئايدا گېرمانىيە پاراشوتچى قىسىملىرى ئۇنى بۇلاپ ئەكەتكەندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سالودا <سوتىياسلىتىك جۇمھۇرىيەت> نى قۇرغان. 1945-يىلى 4-ئايدا ئىتالىيە پارتىزانلار ئەترىتى ئۇنى قولغا چۈشۈرگن ۋە ئېتىۋەتكەن. ئۇنىڭ كاللىسى مىلان مەيدانىدا ئېسىلىپ سازايى قىلىنغان.