Uyghur主要词典
مۇشتلاشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى كىشى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشى ئاساسەن مۇشت بىلەن ۋە ياكى تاياق توقماقتەك ۋاستىلەر بىلەن بىر - بىرىنى ئۇرۇپ جېدەل چىقارماق.
<چاچلاشماق> ئاياللار ئۇرۇشقانغا قارىتىلىدۇ.
بەزىدە تىل بىلەن چىشمۇ ئۇرۇشىدۇ. ئاۋۋال سوقۇشۇپ، ئاندىن دوست بول. مۇشتلاشماقتىن ئىككىلا تەرەپ زەخمەت يەيدۇ. ياقىلاشقاننىڭ ياقىسى يىرتىق. توختىغان بىلەن تۇرسۇنخان چاچلاشسا، تۇراخۇن ئاجرىتالماس. ياقا تۇتۇشقانغا يالۋۇرما. ياقا سىقىشقاقلارنى ئاجراتما، ياقىسى يىرتىلغاندا توختايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مەنپەئەت توقۇنۇشتىن بىر - بىرىنى ئۇرماق.
ياراشماق، ئەپلەشمەك
ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ كېلىشىپ قالماق.
ئۇستام ئۇرۇشسا، تۆمۈرى قىزىغىچە ئۇرۇشىدۇ. بەزىدە تىل بىلەن چىشمۇ سوقۇشىدۇ. يالغۇز ئۆكۈز قوش بولماس، ياقىلاشقان دوست (بولماس). چاچلاشقان خوتۇنلار چاچ يۇلۇنسا يارىشار. ئۆيدە چىققان ئۇرۇش ئەپلەشكۈچە، ئەپلەشمەك قازان قاينىغۇچە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<مۇشتلىماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئۇلار ئوغرىنى تۇتۇۋېلىپ ھاردۇقى چىققۇدەك مۇشتلاشتى.