Uyghur主要词典
مۇشەققەت
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىينىلىش - قىسىلىش، كۆڭۈلسىز مۇھىتتا ياشاش.
راھەت، پاراغەت، راھەت - پاراغەت، ھۇزۇر، ھالاۋەت، ھۇزۇر - ھالاۋەت
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېچىلىش - يايراش، كۆڭۈللۈك مۇھىتتا ياشاش.
مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. سالقىندا يالقۇن راھەت، ئىسسىقتا سالقىن راھەت. جاپا چەكمىگۈچە پاراغەت يوق. راھەت - پاراغەت ئىرادىنى بوشاشتۇرىدۇ. زالىم زالىمغا جەبرى سالار. ھالاۋەت بىلەن مۇشەققەت دائىم بىللە. كىشىلىك تۇرمۇش ھۇزۇر - ھالاۋەت ئەمەس، جاپا - مۇشەققەت چېكىدىغان خىزمەت. سۆز ئازابىدىن ئېغىر ئازاب يوق. ئادالەت زالىملارغا ئوقۇبەت، جاپاكەشلەرگە بەرگەي پاراغەت. رىيازەت چەكمىگەن ئالىم بولالماس. جاپا - مۇشەققەت - غەلىبىنىڭ باشلامچىسى. رىيازىتى كۆپ، ھۇزۇرى ئاز. كىشىلەر ياش ۋاقتىدا ساغلام بولغىنى ئۈچۈن پۇل تاپىدۇ، تېرىغاندا سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئەمىسە، ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى قاچان كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قاتتىق قىيىنچىلىق، ئېغىرچىلىق، زەخمەت.
مۇشەققەت تارتماق. مۇشەققەت چەكمەك.* ئۇ يول بويى مۇشۇ خىياللىرىنىڭ ئىلكىدە لەززەتلىنىپ، سەپەر مۇشەققىتىنى ئۇنتۇغان ھالدا يۇرتىغا كەلدى.