Uyghur主要词典
مۇسەللەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەۋە بولغان، تەسلىم بولغان، بوسۇندۇرۇلغان:
بەلكى شەھلەرغە رۇكنى ئەئزەمدۇر،
چۈنكى ئول نې دىسە مۇسەللەمدۇر.
ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەسلىم قىلىنغان، بويسۇندۇرۇلغان، قايىل قىلىنغان؛ ئىشەندۈرۈلگەن، شۈبھىسىز، تالاشسىز شېئىردا مۇنداق كەلگەن: كىشۋەرى ۋەسىل ئىچرە ھەر كىم ئەيش قىلار بولسۇن ھالال، چۇن ماڭا ئەۋارىلىق مۈلكىن مۇسەللەم قىلدىڭىز. (ناۋائى)