Uyghur主要词典
مۇرەببە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە تۆت بۇرجەك سۆزىدىن
كلاسسىك شېئىرىيەتتە كۆپ قوللىنىلغان تۈرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەكىل ھازىرقى شېرىيەتتىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. «مۇرەببە» دە ھەربىر بەند (كۇپلېت) تۆت مىسرادىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. دەسلەپكى كۇپلېتىنىڭ تۆت مىسراسى بىر خىلدا قاپىيىلىنىپ كېلىدۇ _ دە، قاپىيە سخېمىسى «ئا. ئا. ئا. ئا» شەكلىدە، كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ ئۈچ مىسراسى بىر خىلدا قاپىيىلىنىپ، پەقەت تۆتىنچى مىسراسىلا بىرىنچى كۇپلېتتىكى مىسرالارغا قاپىيىداش بولىدۇ. مۇنداق شەكىل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ بار. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا كەلتۈرۈلگەن تۆتلۈكلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇرەببە شەكلىگە ئىگە. بۇ شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلارنىڭ ھەربىر كۇپلېتى بىرلا خىل ئا. ئا. ئا. ئا؛ ب. ب. ب. ب؛ د. د. د. د قاپىيە شەكلىدە تۈزۈلۈشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن: ن. بوساقوۋ «ئالغا باس» ناملىق شېئىرىنى مۇنداق شەكىلدە يازغان:
ئانا ۋەتەن زېمىنىنى تازىلاشقا ماڭ،
چىقسۇن بىزدىن جەسۇرانە غەيرەتلىك داڭ.
گۈزەل ۋەتەن ئۈستىنى قاپلىمىسۇن چاڭ،
ھەممىمىزدە كۈچلەنسۇن ئىنقىلابىي ئاڭ!
قوللارغا قورال ئېلىپ ئۇدۇل چىنەپ ئات،
ئالغا بېسىپ قورقماستىن دۈشمەننى يوقات.
دوست بولمايدۇ بىزلەرگە زالىم، قانخور، يات،
دائىم يوللا، ئۇلارغا زەربىدىن سوۋغات.
(«گۈدۈك» شېئىرلار توپلىمىدىن)
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە مۇرەببەنىڭ كۆپلىگەن خىللىرى بارلىققا كەلدى. تۆت مىسرادىن تەركىب تاپقان بۇ شېئىر شەكلىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى مىسرالىرى بىلەن تۆتىنچى مىسراسى قاپىيىداش (ئۈچىنچى مىسراسى ئوچۇق)، ياكى ئىككىنچى مىسراسى بىلەن تۆتىنچى مىسراسى قاپىيىداش كېلىدۇ. مۇنداق شېئىرلارنىڭ مىسرالىرى يەتتە بوغۇمدىن تاكى 14 - 16 بوغۇمغىچە تۈزۈلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن:
سەيلە قىلدىم باغ ئارا،
ئىشتىن يېنىپ ئاخشامدا.
خۇشاللىقىم جاراڭلار،
جۇشقۇنلىغان ناخشامدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت تەرىپى تەڭ، بۇرجەكلىك شەكىل.
چاسا ئۇلجۇق يۇمىلاق مۇجۇققا چۈشمەس. كىچىككىنە تۆت بۇرجەك يەرگە ئۆي سالغىلى بولامدۇ؟_ دېدى تۇرسۇن خاتا ھالدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەجىم، سەتھى ئۆلچىمى، كۆپىنچە كۋادرات مېتر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ھازىر ئۈرۈمچىدە نەچچە يۈز مىڭ كۋادرات مېتر ئۆي سېلىندى. شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى 1 مىليۇن 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن كۆپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<ئەد> تۆت مىسرادىن ئىبارەت شېئىر. ئۇنىڭ 1 -، 2 -، ۋە 4 - ياكى 2 - ۋە4 - مىسرالىرى قاپىيىداش كېلىدۇ. خەلق قوشاقلىرى تولىراق مۇشۇ شەكلىدە يېزىلىدۇ.
كونا. كۋادرات.