Uyghur←Chinese主要词典
مۇراۋىيۇ - ئاپوستول
دۇنيا تارىخى
穆拉维约夫一阿波斯托尔
mù lā wéi yuē fū yī ā bō sī tuō ěr
(1796 - 1826) روسىيىلىك دىكابىرست. ئەسلى پىيادە ئەسكەرلەر پولكوۋنىكى. پېتېربۇرگ قاتناش قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1812 - 1814-يىللاردىكى ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1816-يىلى <ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى> نى قۇرغان. 1821-يىلى جەنۇب جەمئىيىتىگە قاتناشقان ھەمدە ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان. <ئەقىدە مەسىلىسى> نى تەييارلاپ، چار پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى چاقىرىق قىلغان. 1825-يىلى 12-ئايدا چىرىنگوۋ پولكىغا رەھبەرلىك قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن. 1826-يىلى 7-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.