Uyghur主要词典
مۇقام
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يۈرۈشلۈك چوڭ نەغىمە.
«ئون ئىككى مۇقام» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكىشۇناسلىق بابىدا جاھان مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىدۇر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بەلگىلەنگەن ياكى ئادەتلەنگەن نۇتۇق - سۆز ئورامى.
مۇقامىدا يوق.* مۇقامغا سىغمايدىغان گەپ. * بەلگىلەنگەن مۇقام بويىچە سۆزلەشنى رەھبەرلىك تەلەپ قىلدى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
1 . سەنئەتچىلەرنىڭ كۈيى ئۇسۇلى، رېتىمگە ماس قول، مۇسكۇل، بەدەن، ئاياغ ۋە باش (يۈز) ھەرىكىتى .... 2 . خەلق ئېغىز ئىجادىدىكى 12 سكىل، يەنى راك، چەبىيات، مۇشاۋىرەك، چارىگاھ، پەنجىگاھ، ئوزال، ئەجەم، ئوششاق، بايات، ناۋا، سىگاھ، ئىراقلاردىن ئىبارەت ئۇيغۇر خەلق مۇزىكا ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسى ژانىرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇرالغۇ، ئورۇن، تۇرغان يەر. مۇقىم - بىر ئورڭندا تۇرغۇچى، ئورۇنلاشقان، تۇراقلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر - بىرىگە ئۇلانغان، ئۇيغۇنلاشقان يېقىملىق تاۋۇش ئېقىمى، مۇزىكىلىق ئەسەر.
ئون ئىككى مۇقام خەلقىنىڭ ئېپتىخارى. سېغىنىش كۈيىنى ياخشى كۆرىمەن. يەرلىك ئاھاڭ - شۇ يۇرتنىڭ بەلگىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<مۇز> ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى <ئون ئىككى مۇقام> ۋە ئۇنىڭ ھەربىر قىسمى. ھەربىر مۇقام چوڭ نەغمە، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئون ئىككى مۇقام جەمئىي 72 خىل نەغمە ۋە 170 تىن ئارتۇق ئاھاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇزىكىلىق ئاھاڭ، مۇزىكا ئاھاڭى، كۈي ۋە ئۇنىڭ تەرتىپى.
چىۋ - چىۋ قىلىپ ئۈز مۇقامىغا توۋلاپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ تورغاي ئاۋازى بەكمۇ يېقىملىق.
كۆچمە. تەرتىپ؛ ئۆلچەم، رىتىم.
ئۇنىڭ بۇ خىل سۆزلىرى ئۆزگەرمەستىن بىر مۇقامدا ئېيتىلىپ تۇراتتى.
كۆچمە. ھەرىكەت، ئۇسۇل، يول.
ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامدا يورغىلار (ماقال).
نوپۇز، دەرىجە، مەرتىۋە.
تۆمۈرخان ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ: - راستىن ئەۋلىيالىق مۇقامىغا يېتىشكەن كىشى ئىكەن!- دېدى ھەيران قېلىپ.