Uyghur主要词典
مۇنخېنگرىس كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
1833-يىلى روسىيە بىلەن ئاۋسترىيە مونخېنگرىستا ئىمزالىغان ئىككى كېلىشىم. (1) 1833-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىمزالانغان تۈركىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدە ئىككى دۆلەت ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىپ تۈركىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش بەلگىلەنگەن. (2) 1833-يىل 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىمزالانغان پولشا مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدە ئىككى دۆلەت ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان پولشا زېمىنىغا ئۆزئارا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە پولشا خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى ئورتاق باستۇرۇش بەلگىلەنگەن.