Uyghur主要词典
مۇنتەزىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىنتىزار بولغۇچى، كۈتكۈچى، ساقلاپ تۇرغۇچى:
مۇنتەزىر قۇللۇغىدا تۇرغايلار،
ھەر زەماندا خۇش ئامىد ئۇرغايلار.
ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىنتىزار بولغۇچى، تەلمۈرگۈچى، ساقلاپ تۇرغۇچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. تەقەززا، تەشنا، ئىنتىزار.
مۇنتەزىر بولماق.
ھالا 40 كۈن بولدى، قۇش يەرگە چۈشمىدى، ھېچكىمنىڭ بېشىغا قونمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خالايىقلار كېچە - كۈندۈز قۇشقا مۇنتەزىردۇر.