Chinese→Uyghur主要词典
慕尼黑
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ميۇنخېن
گېرمانىيىنىڭ ئالىپ تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى، باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەكرىزى. شەھەرنىڭ يېنىدىن دوناي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولغان ئىسار دەرياسى ئېقىپ تۇرىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 320 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). ميۇنخېن گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شۇنداقلا مۇھىم تارىخىي شەھەر. ميۇنخېن 1158 - يىلى كىچىك بىر ئورۇن ئىدى، 13 - ئەسىرگە كەلگەندە 6 ھەسسە كېڭەيگەن. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى شەھەر ئاھالىسى 100 مىڭدىن ئاشقان. 1880 - يىلدىن كېيىن مۇھىم سودا - سانائەت شەھىرىگە ئايلانغان. بۇ جاينىڭ ھەرخىل نازۇك ئېلېكترون ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى، قاتناش ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش (ئاساسلىق ئاپتوموبىل، پاراۋۇز)، ئېلېكتر ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ھەربىي قورال - ياراق ئىشلەپچىقىرىش، ھاراق ئىشلەش، نەشرىياتچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ئوپتىكا ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىشتا گېرمانىيە بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ پىۋا ئىشلەش سانائىتى دۇنياغا مە شھۇر بولۇپ، 700 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئۇ پىۋا شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ميۇنخېن گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم تۆمۈر يول، تاشيول، ھاۋا يول قاتناش تۈگۈنى، شەھەرنىڭ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، بۇ جايدىكى بىرىنچى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1971 - يىلى سېلىنغان، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18.5 كىلومېتىر كېلىدۇ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mù ní hēi
ميۇنخېنDتارىخ
mù ní hēi
مىيونخېنDئۇنىۋېرسال
mù ní hēi
ميۇنخېن