Uyghur主要词典
مۇنەججىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۇلتۇزشۇناس، يۇلتۇزنى تەتقىق قىلىغۇچى:
زار بولسا بۇ جەھان خەلقى مۇنەججىم ئەھلىسز، تۆھمەت ئەتمە سەن زۇھەلگە ئول پەرىنىڭ رۇيدۇر.
بىلال نازىم.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۇلتۇزچى، يۇلتۇزشۇناس، ئاسترونوم(ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ھەرىكىتىنى ئۆگەنگۈچى).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پال، رەم، تۆلگە ئاچىدىغان كىشى.
پالچى پالچىغا پال ئاچقۇزماس. ئوغرى ئالالمىغاننى رەممال ئالىدۇ. شەيتاننىڭ ئىشىدىن رەممال قىزغىنىدۇ. رەمچى ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغان كۈنىنى بىلمەس. تۆلگىچى قوي تۆللىگەندە ئەدەپ كېتىدۇ. قۇرئەنداز قۇرئى ئاچسا، كۆزى ئالاق - جالاق بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاسترونومىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، يۇلتۇزلارغا قاراپ پال سالىدىغان كىشى؛ ئاسترونوم.
ئۇ زامانلاردا كىشىلەر بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى قويۇشتا ئاۋۋال مۇنەججىملەرگە پال ئاچقۇزۇپ كۆرۈپ، ئاندىن كېيىن ئىسىم قويىدىكەن.
كۆچمە. بىرەر ئىشنى ناھايىتى پۇختا ئويلاپ قىلىدىغان، نۇرغۇن نەرسىنى بىلىدىغان ئادەم.
ئۇ بەك مۇنەججىم، بىر نەرسىدىن ئالدىراپ خۇلاسە چىقارمايدۇ.