Uyghur主要词典
مۇناجات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يالۋۇرۇش، يېلىنىش؛ خۇداغا يالۋۇرۇپ خىتاب قىلىش:
كەل، ئەي ساقى، تامام بولدى مۇناجات،
دېيىلدى ھەرنەكىم بار ئېردى ھاجات.
ناقىس.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە يېلىنىش، يالۋۇرۇش سۆزىدىن
قەدىمكى زامانلاردا قوللىنىلغان شېئىرى ژانىر. بۇنىڭدا «گۇناھكار بەندە» نىڭ نىجاتلىقتېپىش ئۈمىدى بىلەن قىلغان لىرىك مۇراجىتى قاتارلىقلار ئىپادىلەنگەن. پادىشاھلىق ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە شائىرلار ئۆز قەسىدىلىرىنىڭ بېشىدا خۇداغا سېغىنىش «ھەمدۇسانا» لىرىنى ئىپادىلەش بىر ئادەتكە ئايلانغان. ئۆز زامانىسىدە ناۋايى قاتارلىق بۈيۈك مۇتەپپەككۇر شائىرلارمۇ «خەمسە» گە ئوخشاش داستانلىرىدا يۇقىرىقىدەك شەكىلدە يېزىشتىن خالى بولالمىغان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يالۋۇرۇش، يېلىنىش، قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىش، تەڭرىگە زارلىنىپ دۇئا قىلىش، تەڭرىنىڭ نامىغا ئاتاپ ئېيتىلغان شېئىرلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خۇدادىن ياردەم، مەدەت، نىجاتلىق تىلەپ قىلىنىدىغان دۇئا؛ خىتاب.
مۇناجات ئەيلىمەك. مۇناجات قىلماق.