Chinese→Uyghur主要词典
木乃伊
دۇنيا تارىخى
مۇميا
مەنىسى <قاراماي> دېگەنلىك - چىرىشتىن ساقلاش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا بولىدىغان جەسەت. موميا تەييارلايدىغان ۋە ساقلايدىغان ئادەت قەدىمكى مىسىردا كەڭ تارقالغان. قەدىمكى مىسىردا <روس ئۆلمەيدۇ> دەيدىغان بىر خىل دىنىي كۆز قاراش بار ئىدى. ئۇلار: ھەربىر ئادەمنىڭ تېنىدە <كا> (روھ) بولىدۇ، ئادەم تۇغۇلغاندا روھ (كا) ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. ئۆلگەندە ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ: <كا> ئادەم بەدىنىگە قايتىپ كەلسىلا، ئادەم <تىرىلىدۇ>، شۇڭا جەسەتنى ساقلاش كېرەك دەپ قارايتتى. قەدىمكى مىسىرلىقلار جەسەتنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، تۇز سۈيىگە چىلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا خۇش بۇي ماتېرىياللاr ۋە مەلھەملەرنى سۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كاناب بىلەن چىڭ ئوراپ بىر مەزگىل تۇز سۈيىگە چىلاش ئارقىلىق موميا تەييارلىغان. مىسىرنىڭ قۇرغان كىلىمات شارئىتىدا، موميا شمال ئۆتۈشىدىنغا گۆرلەرگە قويۇلغاندا ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتسىمۇ چىرىمىگەن. فىرئەۋىن ۋە تۆرە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مۇميالىرى ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلانغان، ئاددىي پۇقرارنىڭ بولسا ئادىيراق تەييارلانغان. يېقىنقى دەۋرلەردىن بېرى مىسىرنىڭ ئېھراملىرى ۋە باشقا قەدىمكى قەبرىلىرىدىن كۆپلەپ مومىيا تېپىلدى. ⅨⅩ ئەسىردىكى فرانسىيىلىك ئالىم ماسپېرو مىسىرنىڭ دەئىرۇل بەھىرى دېگەن يېرىدىكى بىر مەخپىي لەھەتتىن يېڭى خاندانلىق دەۋرىدىكى بىر قانچە ئاتاغلىق فىرئەۋىنلەرنىڭ مومىياسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇلار ھازىر ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەل مۇزېيىلىرىدا ساقلانماقتا. مومىيا قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ تېببىي ددورىگەرلىك ئىلمىنىڭ ماددىي ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.
ئىستېتىكا,تېببىي
mù nǎi yī
مومىياDئۇنىۋېرسال
mù nǎi yī
موميا