Uyghur主要词典
مۇمكىنچىلەر
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە ئىشچىلار ھەىركىتىدىكى ئاغمىچى مەزھەپ. فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، پارتىيە ئىچىدە پارتىيىنىڭ پروگراممىسى مەسىلىسى توغرىلىق بۆلۈنۈش پەيدا بولغان. بروس ۋە مالون باشچىلىقىدىكى بىر تەرەپ پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي كۈرىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى بۇرژۇئازىيە يول قويغان <مۇمكىن> بولغا دائىرىدىلا چەكلىنىشى كېرەك، بەزى ئۆتكۈنچى خاراكتېردىكى ئىسلاھاتلار ئارقىلى سوتسىيالىزمغا مېڭىش <مۇمكىن> دە ھېسابلىغان. شۇڭلاشقا، ئۇلار <مۇمكىنچىلەر> دەپ ئاتالغان. 1882-يىلى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا گېد بىلەن لافارگ باشچىلىقىدىكى گېدچىلار بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئىنقىلابىي سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1883-يىلى <سوتسىيالىزمچى ئەمگەكچىلەر ئىتتىپاقى> غا ئۆزەەرىتپ، <سوتسىيالىزمچى ئمگەكچىلەر ئىتتىپاقى> غا ئۆزگەرتىپ، <سوتسىيال شەھەر مەمۇرىيىتى> نى تەرغىپ قىلغان. 1890-يىلى، <مۇمكىنچىلەر> ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولۇپ، ئاللېمانې <سوتسىيال ئىشچىلار ئىنقىلابى پارتىيىسى> نى قۇرغان. كېيىنچە كۆپ قىسىم مۇمكىنچىلەر فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان.