Chinese→Uyghur主要词典
木霉
بىئولوگىيە
ترىخودېرما زەمبۇرۇغى
يېرىمى ئېنىق زەمبۇرۇغلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى بولۇپ، مونىلىيە ئەترىتىنىڭ مونىلىيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەزى ترىخودېرما زەمبۇرۇغىنىڭ جىنىسلىق كۆپىيىش باسقۇچى بولغاچقا، ئۇلار سپورا خالتىلىق زەمبۇرۇغلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى خىپوكرى ئۇرۇقدىشىغا كىرىد. ترىخودېرما زەمبۇرۇغىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، زەمبۇرۇغ توپى تورسىمان ياكى زىچ باغلامسىمان بولىدۇ. سپورا ھاسىل قىلىدىغان رايونى بىر ئوقنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ. زەمبۇرۇغ توپى ھەر خىل، يېشىل رەڭدە بولىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچىسى سۈزۈك بولۇپ توسۇق بولىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ. قېلىن پوستلۇق ھاسىل قىلىدۇ ياكى قىلمايدۇ. بۆلۈنگۈچى سپورا ساپىقى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ياكى نۆۋەتلىشىپ شاخلىنىدۇ. شاخچىلىرى يەنە شاخلىنىپ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى دەرىجىلىك شاخلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئارچىغا ئوخشاش شاخلانغان كۆرۈنۈش شەكىللىنىدۇ. تارماق شاخنىڭ ئۇچىدا كىچىك ساپاق بولۇپ، بۆلۈنگۈچى سپورىلار بۇ كىچىك ساپاقنىڭ ئۇچىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ ھەمدە يېپىشقاق سۇيۇقلۇقنىڭ يېپىشتۇرۇشى بىلەن كاللەكلىشىپ شارسىمان سپورىلىق باشنى ھاسىل قىلىدۇ. بۆلۈنگۈچى سپورا شارسىمان ياكى ئېللىپىسسىمان، پوستى سىلىق ياكى يىرىك، سۈزۈك ياكى سارغۇچ يېشىل بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ تارقىلىدۇ، چىرىگەن ياغاچ، ئۇرۇق، ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقلىرى ۋە ئورگانىك ئوغۇتلاردا ياشايدۇ، يەنە بەزى زەمبۇرۇغلاردا پارازىتلىنىپ موگو قاتارلىق چوڭ تىپتىكى زەمبۇرۇغلاردا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ كۆپ خىل ئېنزىملارنى ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، بەلكى يەنە لىمونات كىسلاتاسى، ئانتىبىئوتىك ۋە ۋىتامىن B قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ترىخودېرما زەمبۇرۇغىدىن پايدىلىنىپ سېلۇلوزا ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ، كوندولتسىن ترىخودېرما زەمبۇرۇغى بىلەن يېشىل رەڭلىك ترىخودېرما زەمبۇرۇغى سېللۇلوزا ئىشلەپچىقىرىشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان زەمبۇرۇغلار.