Uyghur主要词典
مۇللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە
领域: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ، خېۋىر تۆمۈر يازغان تارىخىي بىئوگرافىك قىسسە بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1 - قىسمى 1981 - يىلى 11 - ئايدا، 2 - قىسمى 1991 - يىلى 4 - ئايدا نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن داڭلىق خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىننىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى، جۈملىدىن خەلق ئاممىسى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان يۇمۇر - قىزىقچىلىقلىرىنى ئاساس قىلىپ، تارىخقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بەدىئىي جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىپ يېزىلغان بۇ قىسسەدە موللا زەيدىن ياشىغان دەۋردىكى ئومۇمىي كەيپىيات چىڭ تۇتۇلۇپ، موللا زەيدىننىڭ خەلقپەرۋەرلىكى ئالاھىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。