Chinese→Uyghur主要词典
穆拉维约夫一阿穆尔斯基
دۇنيا تارىخى
مۇرايىۋ - ئامۇرىسكى
(1809 - 1881) چارروسىيە زېمىن باسقۇنچىسى. ئاقسۆڭەكلەر ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا (1828 - 1829)، پولشا مىللىي قوزغىلىڭى (1830 - 1831) نى باستۇرۇش ۋە كاپكاز خەلقىنى قىرىش يولىدىكى بىر نەچچە قېتىملىق ھەربىي يۈرۈش (1838 - 1844) كە قاتناشقان. 1847 - 1861-يىلىرى شەرقىي سىبىريىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگوغا جېنىنىڭ بارىچە كېڭەيمىچىلىك قىلغان. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ (1854 - 1857) تۆت قېتىم نۇرغۇن ئەسكەر ۋە كېمىنى باشلاپ، جۇڭەونىڭ خېيلوڭجياڭ دەرياسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، جۇڭگونىڭ چوڭ بىر پارچە زرمىنىنى بېسىۋالغان. قۇرغان ياساپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، كولۇنىيە مۇستەملىكىسىنى تەسىس قىلغان. 1858-يىلى ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە قوشۇنىدىن پايدىلىنىپ، داگۇغا تاجاۋۇز قىلىپ، قورال مۈچى بىلەن تەھدىد سېلىش ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن پوپوزا قىلىش يولى بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى <جۇڭگو - روسىيە ئەيخۇي شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇرپ، خېيلوڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى روسىيىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي روسىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ، ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى بېسىۋالغان. چار پادىشاھى ئالېكساندر Ⅱ ئۇنىڭغا ئامۇر (خېيلوڭجياڭ) گرافى مەرتىۋىسىنى بەرگەن. 1861-يىلى خىزمىتىدىن چېكىنگەن. كېيىن پارىژدا ئۆلگەن.