Chinese→Uyghur主要词典
穆拉托里
دىن
mù lā tuō lǐ
基
خىرىستيان دىنى
مۇرا تورى، لۇيگى ئانتونىئو موراتورى
دۇنيا تارىخى
مۇراتورى
(1672 - 1750) ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس. بۇرۇن كۇتۇپخانىدا ئىشلەپ، ئاrخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. بىلىمى چوڭقۇر، 25 توملۇق تارىخىي ماتېرىياللار مەجمۇئەسى <ئىتالىيە تارىخى> نى كەينى - كەينىدىن رەتلەپ چىققان ۋە نەشر قىلدۇرغان. بۇ ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تاىخقا دائىر 2200 خىلدىن ئارتۇق ھۆججەت ماتېرىيالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ 2000 خىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىلىم تەتقىق قىلىش پوزىتسىيىسى قاتتىق بولۇپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تىرىشىپ ئېچىپ، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى ئېنىقلاشقا ئىنتىلگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئىتالىيە يىلنامىسى> (12 توم)، <ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاسارئەتقىلىرى> (6 توم) قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى يېزىق ئىلمى، قەدىمكى مېتال پۇل ئىلمى، پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار