Uyghur主要词典
مۇلايىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۇمشاق تەبىئەتلىك، ياۋاش: يېقىملىق:
چۇ ئەۋرەڭگى شەھلىغىدا قايىم بولۇپ،
ھۆكۈمەتدە ئەلگە مۇلايىم بولۇپ.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ھەققىدە گەپ - سۆزى، ئىش - ھەرىكىتى سىلىق، مۇئامىلىسى ياخشى.
ئۇ - ئوماق بالا. يېقىملىق سۆز تاشنى يارار. ئەلتەك ھەممىنى خۇش قىلىدۇ. مۇلايىم مۈشۈكنى چاشقان تۇتقاندا كۆر. مۇنايىم جاۋاب غەزەبنى باسار. مېھرىنىسا مېھرى ئىسسىق قىز ئىكەن. ئادەم گۈزەل بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس، سۆيۈملۈك بولغىنى ئۈچۈن گۈزۈل. ئالەمدە ئەخلاقلىق ئايالدىن سۆيۈملۈك نەرسە يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مىجەز - خۇلقى يېقىملىق.
قوپال ، توڭ
مىجەز - خۇلقى يېقىمسىز.
كۆپ بەرسەڭ، موللىمۇ مۇلايىم. ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى بەك قوپال ئىكەن، تۈزۈك گەپلەشكىلى بولمىدى. ئۇ بىر ئۇماق بالا ئىدى، كېيىنچە ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، دادىسىنىڭ قولىدا قالدى، ئۇنىڭ قوپال مۇئامىلىسى ئۇنى توڭ قىلىپ قويدى. بۇ چوكان ئەجەب لىۋەن ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
گەپ يەيدىغان، ياۋاش، كۆڭلى يۇمشاق؛ رايىش.
مۇلايىم ئادەم. مۇلايىم بالا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
<مۇلائىم>