Uyghur主要词典
مۇكەممەل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كامالەتكە يەتكەچ، تولۇق، كەم يېرىق يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چالا ئەمەس، پۈتۈن؛ باشتىن ئاياق، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كەم _ كۈتسىز.
ئېھتىياتچاننىڭ ھازىرلىقى تولۇق. ساپ ئالتۇن يوق، مۇكەممەل ئادەم يوق. ئىش قىلساڭ، تەلتۆكۈس قىل. تەلتۆكۈسمەن دېگەن خاننىڭ بىر تېمىم تۇزى كەم. بەل باغلىغان ئىشنى چالا قويما، ئۈزۈل _ كېسىل قىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ھەر جەھەتتىن تولۇق، كەم - كۈتسىز، تەلتۆكۈس.
مۇكەممەل قۇرۇلما. مۇكەممەل ئەسەر.
تاكامۇللاشقان، كامالەتكە يەتكەن.
ئاتام رەھمىتى ئەرەب، پارس تىللىرىنى مۇكەممەل بىلگەندىن باشقا، يەنە خەنزۇ، مانجۇ، ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلەتتى.