Uyghur主要词典
مۇيەسسەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئېرىشىش، ئېرىشكەن؛ ئىگە بولۇش، ئىگە بولغان:
فىراقىڭ تۈنلەرى ۋەسلىڭ خيالى گەر مۇيەسسەردۇر،
پەرى گەر مۇمكىن ئېرمىشدۇر نە ئەيلەي ئىتتىھاد ئەيلەپ.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاسانچىلىق، مۇمكىنلىك، يېتىشىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېرىشىشنىڭ سىپايى تۈرى. «قىلماق، بولماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ھۈرمەتكە سازاۋەر بولساڭچۇ چوڭ گەپ قىلما. بۇ چەرخقە بەكمۇ كۆپ سالدى نەزەر، يىپ ئۇچى ھېچكىمگە بولماي مۇيەسسەر. مۇكاپاتقا نائىل بولدۇڭ، مەسئۇلىيىتىڭ ئارتتى. ئۇلۇغلارنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئېرىشىش، مۇمكىنلىك، يېتىشىش، سازاۋەر.
مۇيەسسەر بولماق. مۇيەسسەر قىلماق.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئاسانلىققا ئېرىشكۈچى، بايلىققا ئېرىشكۈچى، باي، پۇلدار