Uyghur←Chinese主要词典
مۇھىت ئامىلى
بىئولوگىيە
环境因素
huánjìngyīnsù
جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ۋە تارقىلىش سانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىت شارائىتى، مۇھىت ئامىلى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: (1) جانسىز ئامىل، بۇ كىلىمات ئامىلى (مەسىلەن، يورۇقلۇق، تېمپېراتۇرا، يامغۇر يېغىش ۋە ھاۋا قاتارلىقلار)، تۇپراق ئامىلى (مەسىلەن، تۇپراق سۈپىتى، كىسلاتا ئىشقارلىقى، تۇپراقتىكى شۇ ۋە ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار قاتارلىقلار) ۋە يەر شەكلى ئامىلى (مەسىلەن، يەر شەكلىنىڭ ئېگىز - پەسلىكى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى، يانتۇلۇق يۆنىلىشى ۋە يانتۇلۇق گرادۇسى قاتارلىقلار) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ (2) جانلىق ئامىل، بۇ ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۈر ئىچى ۋە تۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈر ئىچىدىكى مۇناسىۋەت تۈر ئىچىدىكى ياردەمنى ئۆز ئىچىگ ئالىدۇ؛ تۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئوزۇقلىنىش زەنجىرى بىلەن ئوزۇقلىنىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (3) سۈنئىي ئامىل، يەنى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرى، بۇ يەر ئېچىش، كېسىش، تۈر كىرگۈزۈش، ئۆستۈرۈش، بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سانى، تارقىلىش، ياشاش ئۇسۇلى، تۈر توپىنىڭ تۈزۈلۈشى ھەمدە تۈركۈم تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل مۇھىت ئامىللىرى ئۆز ئارا باغلىنىدۇ، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىرلىشىپ جانلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىراق بەلگىلىك شارائىتتا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ياكى ئىككىسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بۇ خىل ئامىل ئاساسىي ئامىل دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىخلىنىش باسقۇچىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە يورۇقلۇق دەۋرلىكى ھادىسىسىنىڭ يورۇتۇش ئۇزۇنلۇقى قاتارلىقلار. ئاساسىي ئامىلنى ئانالىز ۋە تەتقىق قىلىش جانلىقلارنى مۇقىم يۆنىلىشىلىك تىزگىنلەشمۇ ئىنسانلارنىڭ غايىسى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پايدىلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ.
دېھقانچىلىق,مائارىپ,تېببىي,تاشيول قۇرۇلۇشى
环境因素
huán jìng yīn sùDجۇغراپىيە
环境要素
huán jìng yào sùDباغۋەنچىلىك
环境因子
huán jìng yīn zǐDئورمانچىلىق
环境因子
huán jìng yīn zǐ